خىتاي باي ۋەقەسىدە ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىغان رېئاللىقلار (1)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.12.22
tutqun-pidaiy-xitay-saqchi-herbiy.jpg ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى.
CCTV

مەمەت توختى ئەپەندى: خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن گۇماندارلار ئارىسىدا ئانا-بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى تامچىلاتما خەۋەرلىرى، خىتاي ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى رېئاللىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىشقا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ يوشۇرۇلۇشىغا ياكى كەڭ كۆلەمدە بىلىنمەسلىكىگە سەۋەب بولدى. ئۇ بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن 28 نەپەر گۇماندارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 7 نەپىرىنىڭ ئانا، بالىلار ئىكەنلىكىدۇر. قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ 56 ‏-كۈنىدە گۇماندارلارغا خەلقئارادا چەكلەنگەن قورال ئوتچاچارنى قوللىنىپ، ئاتالمىش تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىنى جاكارلىغان خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن گۇماندارلار ئارىسىدا ئانا، بالىلارمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىدى؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ تەھلىلىدىن ئاڭلايسىلەر.

سوئال: مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي تەرەپ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا خۇددى چىش پاستىسىنى سىققاندەك، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايانى بويىچە ئېيتقاندا تامچىلىتىپ يەنى ئاز-ئازدىن پارچە-پارچە بەرمەكتە. سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: خىتاي بۇ تۈر ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا بۇرۇندىن تارتىپ پاسسىپ ھالدا، مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا بېرىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقىسىنىمۇ ئوپېراتسىيەنىڭ 56 ‏-كۈنىدە- ۋەقە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئامالسىزلىقتىن خەۋەر قىلدى. بۇ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز زوراۋانلىقلىرىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. باي ۋەقەسىنى مۇنداق تامچىلىتىپ خەۋەر قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى گۇماندارلار ئارىسىدا ئانا، بالىلارنىڭمۇ بولۇشى ۋە بۇ يەردە بىر ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ شەكىللەنگەن بولۇشى.

سوئال: ھەممىزگە مەلۇم، 28 گۇمانداردىن 17 نەپىرى باينىڭ كانچى يېزا چوكىتال چارۋا مەيدانىدىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئانا، بالىلارمۇ بارلىقىنى شۇ چارۋا مەيداننىڭ باشلىقى ئېتىراپ قىلىپ بولغان، بۇنى مۇشۇ پۇرسەتتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بىر ئاڭلاپ چىقايلى:

چارۋا مەيدان باشلىقى: ۋەقەدە 3 ئائىلىدىن زۆرەم مامۇت، مەريەم ئابدۇرېھىم، قەمبەرخان مەمەتنىياز، ئايىمنىسا روزى قاتارلىق 4 ئانا ۋە 1 ياش، 6 ياش ۋە 9 ياشلىق بولۇپ ئۈچ بالا بار........

خىتاي مانا بۇلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا نېمە ئۈچۈن جۈرئەت قىلالمايدۇ؟ چەكلەنگەن قورالنى ئىشلەتكەنلىكىنى چېكىنمەستىن ئاشكارىلىدى، ھەتتا 10مىڭلىغان دېھقاننى بۇ ئوپىراسىيەگە قاتناشتۇرغانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى، ئانا، بالىلار مەسىلىسىگە كەلگەندە يوشۇردى، سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

جاۋاب: ئوتچاچار قاتارلىق قوراللار خەلقئارادا چەكلەنگىنى بىلەن، ئۇ چەكلىمىنى بۇزغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوق، ئانا، بالىلارنى قېتىپ كوللېكتىپ جازالاش ئۇرۇش جىنايىتىگە كىرىدۇ ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار خەلقئارا سوتقا تارتىلىدۇ. مانا بۇ سوتنىڭ كۈچى بىلەن جازاسىنى چەككەنلەر، قېچىپ يۈرۈۋاتقانلار، ھېچبولمىدى دېگەندە بەلگىلىك دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشى مۇمكىن بولمايۋاتقانلار مەۋجۇت ۋە بۇنداق سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى بار.

سوئال: ئۆتكەندە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، رادىئومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ئانا، بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، شۇڭا ۋەقەنىڭ بىتەرەپ ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. ياكى خىتاينىڭ شۇ ئانا، بالىلارنى يوشۇرۇشى بىلەن كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بىر باغلىنىش بارمۇ؟ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىغا جاۋاب بولۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شۇ ئۇچۇرلارنى تا ھازىرغىچە يوشۇرۇۋاتامدۇ؟

جاۋاب: مەنچە ئاساسلىقى، خەلقئارا سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قورقتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەقەنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان ئانا، بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئېغىزغا ئالمىدى.

سوئال: خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇشنى خەلقئارا جامائەت پىكرىدىن تەپ-تارتىش، خەلقئارادا ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەيمىزمۇ ياكى خەلقئارا جامائەت پىكرىگە پىسەنت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى دەيمىزمۇ؟

جاۋاب: ئۇ ئىككىسىدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ۋەقەنىڭ شۇ قىسمىنى ئاخباراتنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش، جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ۋەقەنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەسلىك.

سوئال: خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل يوشۇرۇش ئۇسۇلى، جىم تۇرۇۋېلىپ ئۇنتۇلدۇرۇش پوزىتسىيەسى قاچانغىچە كارغا كېلىشى ۋە قانداق ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن؟

جاۋاب: خىتاينىڭ مۇقىملىق شوئارى ئاستىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا خېلى بولدى، ئەمما بۇنىڭ ئاشكارىلىنىپ چىقىشى يېڭى ۋە كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىققەت-ئېتىبارىنىڭ كۈچىيىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار. خىتاينىڭ بۇ خىل يوشۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغانسېرى، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مەۋجۇت ۋە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايغا قارشى مەيداندىكىلەرنىڭ يەنى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلات ۋە باياناتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئاخبارات ساھەسىدە زىيان تارتقۇچى تەرەپ يەنە خىتاي بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.