خىتاي دېموكراتلىرى ئۇيغۇلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.08.21
Barin-basturulghan-Uyghurlar.jpg خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
news.boxun.com / Wang Lixiong


خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتىلىپ بۈگۈنكى ئىنتېرنېت ئۇچۇرى دەۋرىگە كەلگەندە، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن «تېررورلۇق قالپىقى» ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 23 - ماي كۈنى«بىر يىلغا سوزۇلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ھەرقايسى جايلاردا تۈركۈم - تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررور گۇماندارى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن،ئەسەبىي دىنىي رادىكاللىقنى، بۆلگۈنچىلىكنى، مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان»دېگەنگە ئوخشاش خىلمۇ - خىل جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى، شۇنداقلا رايوندىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «سىياسىي مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بولغان تونۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپچانلىقى، مۇقىملىققا بولغان قارىشى، پوزىتسىيىسى، مەيدانى ئېنىق ئەمەس، دۆلەت كادىرلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا ھالدا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، قاتتىق زەربە بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردە قاتتىق قوللۇق قىلمىغان» دېگەندەك قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدەك ۋەزىيەت، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇلار خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا، ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشى ھەققىدە توختالدى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن«تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949 - يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن 50 - يىللاردىلا باشلانغانلىقىنى، پەقەت بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە ئوخشىمىغان نام - ئاتالغۇلاردا ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى، 90 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ «3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «دۆلەت تېررورى باستۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ:

- نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش«" تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى باستۇرۇش بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، 50 - يىللاردىكى«يەر ئىسلاھاتى» دەۋرىدە كومپارتىيە تەرىپىدىن رايونغا بەلگىلەنگەن ئەمەلدار ۋاڭ جىن «يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش»، «پومىشچىك ئۇنسۇرلارنى باستۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان بولسا، 60 - 70 - يىللاردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە «ئەكسىلىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش«، «سىنىپىي كۈرەش»، «كونىلىققا زەربە بېرىش»، 80 - 90 - يىللاردا «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش» دېگەن ناملاردا ئېلىپ بېرىلدى. 2000 - يىللاردىن كېيىنكى دۇنيا ئىنتېرنېت دەۋرىگە كىرگەن مەزگىلدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا، رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» بىلەن باغلاپ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا ئۇرۇندى. ھەتتا ئاتالمىش «تېررورچىلار»نى ياساپ چىقماقتا. بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قارشىلىق ھەرىكەتكلىرى توختىمايدىغان زىمىنغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، - دېدى.

ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ:

- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى، ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە يامان كۆرسىتىلىپ، «تېررورچىلار»، «دىنىي ئاشقۇنلار» نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ باستۇرۇلۇشى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىكى ئۆز - ئارا نارازىلىق، ئۆچمەنلىكنىمۇ كۈچەيتىپ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەت كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، - دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.