ئۇيغۇر كادىر: ئىماملىرىمدا ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزى ئاشقۇنلىشىپ كەتتى
2015.10.08

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 15-20 دەك ئادەم ئۆلگەن. ۋەقەدە 8-9 نەپەر ھۇجۇمچى نوپۇسىنىڭ 99% نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان مەزكۇر يېزىنىڭ 40% تېرىلغۇ يېرىنى ئىگىلەپ تۇرغان 4 خەنزۇ ئائىلىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يېزىدا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. بۇ يېزىغا چۈشكەن خىزمەت ئۆمىكىنى كۆپەيتىلىپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئىدىيە ۋە كۈندىلىك پائالىيىتىگە قارىتا كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن ئىدى.
يېقىندا شىنخۇا تورى مەزكۇر يېزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يېزىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى بىر يىللىق ئۆزگىرىشنى خەۋەر قىلدى. شىنخۇا تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلگىرى دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ماكانى بولغان ئىماملىرىم ھازىر ئىتتىپاق ۋە ئىناق يېزىغا ئايلانغان.
ئەمما يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، خالاس. ئىمانلىرىم يېزىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر كادىر، «ئىماملىرىمدا ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزى ئاشقۇنلىشىپ كەتتى» دېدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.