خىتاي ئىزدەۋاتقان ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ خەير-ساخاۋەتچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا
2016.11.25
رادىيومىزغا يوللانغان ئىنكاستا ئىنىسى ئاتۇشتا تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆزى تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئىز-دېرەكسىزلىكى خىتاي ساقچىلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېگىلىدۇق. نەتىجىدە، ئىستانبۇل بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خەير-ساخاۋەتچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى ساقچىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
ئابدۇۋەلى ھاجى ھەققىدە بىزگە يوللانغان مەكتۇپتا، ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىرەر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا قېتىلمىغانلىقى، پەقەت بىر قىسىم خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۈركىيە سەپىرىدىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىئارام بولغانلىقى يەنى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۈگۈن رادىيومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا، ساقچىلارنىڭ ئابدۇۋەلىنى تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئىنىسى رىشات ھاجىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ دادىسى ھاجى ئابلىمىت ۋە بىر ھەدىسىنىمۇ بۇرۇن بىر مەھەل قاماپ قويغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈن تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ھاجى ئابلىمىت، ئوغلى ئابدۇۋەلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىش سەۋەبى ۋە ئۆزىنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ پەقەت ئوغلىنىڭ تىجارەت ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدىلا تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇۋەلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، مارالۋېشى قاتارلىق جايلاردا 8 كېيىم-كېچەك دۇكىنى بولغان. ئۇ، يېتىم-يېسىر ۋە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق بىر قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
بىز ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تۈركىيەگە تېلېفون قىلدۇق. ئىستانبۇلدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر كىشىنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، رادىيومىز يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خەير-ساخاۋەتچىلەرگە قارىتا كۆزىتىشىنىڭ سەزگۈرلەشكەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۆتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ ئىز-دېرەكسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.