5-مارت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى» دە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى جەلپ قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بۇ پائالىيەتتە ياشلارنىڭمۇ سۆز مۇنبىرىدىن دادىللىق بىلەن ئورۇن ئالغانلىقى ۋە سورۇن ئەھلىنى ھاياجانغا سالغانلىقى بولدى.
بۇلارنىڭ بىرى دەل شۇ كۈنى سۆزگە چىقىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىغان ئۇيغۇر قىزى شەھرىزاد غەيرەتتۇر.
يىگىرمە نەچچە ياشلاردىكى شەھرىزاد غەيرەت نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاۋسترالىيەگە قايتىشتىن ئاۋۋال، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ بىزنىڭ «شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك بىر يولىنى تاللىۋېلىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە» سوئالىمىزغا: «مەن مىللىتىمنىڭ بىر كۈنلەردە تارىخ كىتابلىرىدىنلا تېپىلىشىنى خالىمايمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇنداقتا، بۇ ياش پائالىيەتچىنىڭ يەنە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولغاي.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00