خىتاي سىياسىتى باغچە مائارىپىنى ئەسلى ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا 2000-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دائىرىلەر ئارقىدىن 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بارلىق مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈشنى، بارلىق يەسلىلەرنى قوش تىللاشتۇرۇشنى، 2020-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇشنى نىشانغا كىرگۈزدى.

ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارايدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلىلەردىن باشلاپ يولغا قويۇۋاتقان بۇ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى پەقەت خىتاي تىلىنىلا ئۆگىنىش، ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىش ھالىتىگە كەلدى. سەبىيلەر مائارىپى بولسا ئەسلى ئانا تىلىنى چەتكە قاقماسلىقى، ئانا تىل ئاساسىدا بالىلارنىڭ يەنە بىر تىلنى ئىگىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.

سەبىيلەرگە دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان باغچە مائارىپىدىن باشلاپ، قوش تىل يەسلىسى نامىدىكى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشقا باشلىدى، ھالبۇكى ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئىنكاسىغا قارىغاندا، يەسلىدىن باشلاپ خىتايچە ئوقۇغان بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدىمۇ، خىتايچىدىمۇ ئوخشاشلا تولۇق ساۋاتى چىقمايلا قالماي، ئەقلىي قابىلىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ نورمال سەۋىيە ھەمدە تەلەپكە يەتمەيۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىق ھەممىنى ئېچىندۇرماقتا، ئەندىشىگە سالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى شۇ خىل مائارىپ سىياسىتىدە خىزمەت قىلغانلار تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەسلى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىدىنمۇ بەكرەك، سەبىي بالىلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە تىل مۇھىتىدا ئېغىر بېسىمدا قېلىۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنىڭ ئىككىلا تىلدا ساۋاتى چىقمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۆۋەتتىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ نامۇۋاپىق بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان بىر ئاتىنىڭ سۆزى، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزى بۆلىشى مۇمكىن.

مانا بۇ نەتىجە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.سەبىيلەر مائارىپى بولسا ئەسلى ئانا تىلىنى چەتكە قاقماسلىقى، ئانا تىل ئاساسىدا بالىلارنىڭ يەنە بىر تىلنى ئىگىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلار ماھىيىتى ئۆزگەرگەن خىتاي قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە قارشى ئانا تىلنى قوغداش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە ئىزدەنمەكتە، قانۇن دائىرىسى ئىچىدە قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆردى. ھەتتا بالىلىرىنى قوش تىل مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن يۇرت ئەلنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىۋاتقانلارمۇ كۆپەيمەكتە. ئەنە شۇلاردىن بىرى يېقىندا گېرمانىيەگە كۆچمەن بولغان، ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەسلى مائارىپى قانداق بولۇشى كېرەك، ھازىرقى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ماھىيىتىچۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.

قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا ئىشتىن سىرت مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىمىزدە، قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن مەھرۇم قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە نېمىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ دېگەن تېما ئۈستىدە يەكۈنلىرى ھەمدە ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت