ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.05.18
shiwetsiye-uyghur-leksiye-305.jpg «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى» دە لېكسىيە سۆزلىگەن ئۇچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى. 2015-يىلى ماي، شىۋېتسىيە.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەنىڭ كاتېرىنخولم ئارىلىدا 15-مايدىن 17-مايغىچە 3 كۈن داۋاملاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى»، 17-ماي يەكشەنبە كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەرگە ماس ھالەتتە تەييارلانغان لىكسىيەلەر ۋە لېكسىيە مەزمۇنىغا دائىر مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

لىكسيەدىن سىرت ئۆسمۈرلەر ھەر خىل شەكىلدىكى ئارغامچا تارتىش، پۇتبول، ۋالىبول، پەي توپ قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

تەكلىپ بىلەن لىكسيە بەرگۈچىلەردىن مەرھۈم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ئايالى بەختىنىسا خانىم ئۆزىنىڭ دالا پائالىيىتىدە سۆزلىگەن لىكسيەسىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۆسمۈرلەردىن كۈتىدىغان تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

بۇ پائالىيەتكە ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلاردىن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئېلى قارىم ئۆزىنىڭ پائالىيەت جەريانىدىكى تەسىراتى ۋە پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قارىشىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئىيسا قارىم ئوسمۇلەر ئۈچۈن قىلىنغان بۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەتكە شىۋېتسىيە، فىنلاندىيەدىن قاتناشقان ئۆسمۈرلەر ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ئىزھار قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.