«بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسېپى» دېگەن كىتاب نەشردىن چىقتى
2017.06.02

يېقىندا «بەخت-سائادەتنىڭ 40 رېتسېپى» دېگەن كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى مۇھەممەد يۈسۈپ ئەپەندى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، كىتاب ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
308 بەتلىك بۇ كىتاب ھەر خىل رەڭلىك رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتابتا، بەخت-سائادەت دېگەن نېمە؟ ھەر ئىشتا ئۈمىدۋار بولۇش، سەۋىرچانلىقنى ئادەت قىلىش، قانائەتلىنەرلىك بىلەن ياشاش، شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلمەسلىك، ھاياتنى يېڭىلاپ تۇرۇش، ئەپۇچان بولۇش، ۋاپادارلىقنى دوست تۇتۇش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، قەلبنى ساغلاملاشتۇرۇش، كىتابنى ئۈلپەتكە ئايلاندۇرۇش. سەمىمىي تەنقىدنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىش دېگەنگە ئوخشاش 40 تېمىدا توختىلىپ، ھەر بىر تېما ئۈچۈن بىردىن رېتسېپ يېزىپ قالدۇرغان.
بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرغۇسى...
كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسىغا مۇنداق يېزىلغان: «بەخت-سائادەت دېگەن مەنىۋىيەتكە تەئەللۇق ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، تارازا بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى بايلىق كانلىرىدىن ۋە ياكى ئوردا خەزىنىلىرىدىن تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۇنى پۇلغا سېتىۋالغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. بەخت-سائادەت شۇنداق نەرسىكى، ئىنسان ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھېس قىلىپ تەڭداشسىز لەززەتكە تولىدۇ. ئۇ دىلنىڭ ئارامى، ۋىجداننىڭ راھىتى، كۆڭۈلنىڭ شادلىقىدۇر. ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشى قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ۋايىغا يەتكەن ئازادلىق ۋە ھۇزۇرنى ھېس قىلىدۇ. بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردەك ئارزۇسى بولۇپ، مەيلى ساددا پىكىرلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن ياكى مۇتەپەككۇر ئالىم بولسۇن، ھەممە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنى خالايدۇ. بىراق بەخت-سائادەت دېگەن نېمە؟ ئۇ قەيەردە؟ ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇ كىتاب سىزنىڭ شۇ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ.»
بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىز يەنە، بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مىركامىل قەشقەرلى بۇ كىتاب توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.