ئالماتادا «نىلقا ئىنقىلابى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.11.30
almata-nilqa-inqilabi-kitab.jpg «نىلقا ئىنقىلابى» ناملىق كىتاب
RFA/Oyghan


ھازىر قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئىلى رايونىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنى ئۇنتۇغىنى يوق. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى جەڭچىلىرى، ئۇنىڭ ھەر ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان كادىرلار، شۇنداقلا بالىلىق دەۋرى شۇ يىللىرى ئۆتكەنلەر بۇ تارىخىي ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتمەكتە. 1936 - يىلى نىلقا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن تۇردى نۇرجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر ئۇ ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلماقتا. يېقىندا ئۇ دادىسى نۇرجاننىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئۆزى توپلىغان ماتېرىياللاردىن تۈزۈلگەن «نىلقا ئىنقىلابى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلغان ئىدى.

تۇردى نۇرجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى رۇس تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە راۋان سۆزلەيدىغان كىشى بولۇپ، نىلقا قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ئالاقىچى رولىنى ئوينىغان ئېكەن. ت. نۇرجان ئۆز كىتابىدا نىلقا ناھىيىسى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيىلەرنى ياخشى بىلگەنلىكتىن، يەر - جاي ناملىرىنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. ئۇ شۇ دەۋىردە ئۇيغۇر ئېلىدا قېلىپلاشقان ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىش سەۋەبلىرى، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ كۆرسەتكەن جاسارەتلىرى، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشىغا زېمىن ياراتقانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان.

ت. نۇرجان نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «نىلقىدىكى ئىنقىلاب باشلانغان مەزگىلدە شىڭ شېسەي سىياسىتى خەلقنىڭ ھەممىسىگە بىر تۇتاش زۇلۇم سېلىۋاتتاتتى. خەلق ئەندىشىدە ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىتىدىن بايمۇ قورقۇپ، كەمبەغەلمۇ قورقۇپ يۈرگەندە ئىنقىلاب باشلاندى. ئىنقىلابقا خەلق " ئازاد بولساق، ھۆرلۈك بولسا، ئۆزىمىز ئەركىن ھايات كەچۈرسەك" دەپ قوشۇلدى. ئۇنىڭغا پاتىخ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇردىن غېنى باتۇر، قازاقتىن ئەكبەر باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى، موڭغۇل دورجى، رۇسلاردىن نازاروف قاتناشتى. نىلقا پارتىزانلىرى ئىچىدىن يەنە مەڭسۈر سېيىت، تۇرسۇن قازان، زىلاۋدۇن، بۇرھان، ھەبىبۇللا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. نېمە كېرەك بولسا، بايلار مال - مۈلكىنى ئايىمىدى.»

ت. نۇرجان ئۆز كىتابىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئالاھىدە بىر قورقۇمسىزلىقى، جۈرئەتلىكى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنى، جەڭ مەيدانلىرىدا دائىم ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. كىتابتا پاتىخنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۈرمىگە قامىلىپ، ئۇلارنىڭ غېنى باتۇر تەرىپىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلدۇرغانلىقى تەپسىلىي يورۇتۇلىدۇ. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا غېنى باتۇر بىلەن كۆرۈشكەن ت. نۇرجان ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «غېنى باتۇرنىڭ باتۇرلۇقى ئادەم ئىشەنگۈسىز باتۇرلۇقتۇر. 10 - 15 ئادىمى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ، پاتىخنىڭ ئاپىسىنى، ئايالىنى، تۆرت بالىسىنى قۇتقۇزۇپ، بىرسىنىمۇ خەتەرگە ئۇچراتماي، تۈرمىدىن ئېلىپ چىقتى دېگەن سۆز بۇ ئادەم ئېيتقۇسىز باتۇرلۇق. ئۆزىنىڭ پەم - پاراسىتى، باتۇرلۇقىنىڭ بىر ئىپادىسى. دادامنىڭ ئېيتىشىچە، باش ساقچىخانىنى ئالغان مەزگىلدە خىتاينىڭ پوتىيىدىن ئېتىلىۋاتقان پۇلېميوت ئوقىدا غېنى باتۇرنىڭ ئۆمىلىمەي، يۈگرىگىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ھەيران قالغان ئىدى.»

ت. نۇرجان كىتابىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا نۇرغۇنلىغان پارتىزانلارنىڭ، ياشلارنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاتا - بوۋىدىن بىزگە مىراس بولۇپ كەلگەن ئەركىنلىك، ئازادلىق چوغى ئۆچمىدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.