تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ تىپى ۋە ئۇنىڭ مىللىيەتلىك مەنسۇبىيىتى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تارتىشمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تارىم ئويمانلىقى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە تاشقى دۇنيا ئۈچۈن سىرلىق بىر تۇپراق ئىدى. مانا مۇشۇ سىرلىق ماكاندا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بوستانلىقلاردىكى ئەڭ جەزىبىدار سەھىپىلىرى يارىتىلغان. ھالبۇكى، قۇرغاق رايونلار مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىم ئويمانلىقىدا يۈز بەرگەن قۇملىشىش شۇنداقلا ئۇزاق تارىخنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى بۇ يەردە مەيدانغا كەلگەن قەدىمكى پارلاق مەدەنىيەتنى قۇم ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىغان.
ئارخېئولوگ ۋە قەدىمكى يېزىقلار بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى قۇربان ۋەلى قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى چۆكۈشىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىزاھلايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 مىڭ يىللار بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنىڭ بۇ يەردىكى ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت سەھنىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى يېقىنقى زامان تارىخىدا مانجۇ-خىتاي ئىستېلاچىلىرىنىڭ بۇ تۇپراقنى مۇنقەرز قىلىش داۋامىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى ۋە سۈنئىي بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە مانجۇ ئىمپىرىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى «سېرىق پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى» دېگەن سەپسەتەنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر ۋە جۇغراپىيە ئالىملىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان قېدىرىپ-تەكشۈرۇشلىرى تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئاچىدۇ.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى ياۋروپا ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى بايقاشلىرىنىڭ بۇ رايوننىڭ تارىخ ۋە قەدىمكى مەدەنىيىتى ھەققىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە 1860-يىللاردىن 1930-يىلارغىچە بولغان تارىخىي جەريان غەرب دۇنياسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنى بىلىش ۋە تونۇش جەريانى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئاخىرىدا قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ قانداقتۇر خىتاي تارىخچىلىرى داۋراڭ سالغاندەك شەرقتىكى «سېرىق پادىشاھ» مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى، بەلكى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن بىر تۇتاشلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.