ئىستانبۇلدا تۈركىي تىللار دىۋانى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2017.03.03
27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق ئەسەنلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەھمۇت قەشقەرىي تەرىپىدىن 11-ئەسىردە يېزىلغان ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئەرەبچە لۇغىتى بولغان تۈركىي تىللار دىۋانى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىنغا تۈركىيە تۈرك تىل ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسۇر مۇستافا كاچالىن رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئېچلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
پروفېسسۇر مۇستافا كاچالىن ئەپەندى، 1072-1074-يىللار ئارىسىدا مەھمۇت قەشقەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئەرەبچە لۇغىتى بولغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قىممىتى، پەن-تېخىنىكا ئىنساننى ئۆزىگە ئەسىر قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىنمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا، «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان دوكتۇر زەمىرە غۇلجالى، مەھمۇت قەشقەرىينىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ 20-ئەسىردىن ئوتتۇرىلىرىدا باشلاپ تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تەرجىمە قىلىش خىزمىتى 20-ئەسىردە باشلاندى، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى چاغداش ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىتقىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىي تىللار دىۋانىنى بىلمەيتتى، دېدى. ئۇ يەنە، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى تۈنجى قېتىم 1987-يىلى دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن رېمونت قىلىندى. كېيىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ئىمكانلىرى بىلەن ئىككى قېتىم رىمونت قىلىندى.»
ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى نامىدا ئەمەلىيەتتە يەككە تىل مائارىپىغا ئۆتكەندىن كېيىن، دەرسلىكلەردە مەھمۇت قەشقىرىينىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن ئەسىرى ھەققىدە ھېچبىر مەلۇمات كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇھاكىمە يىغىندا،«11-ئەسىردە تۈرك خەلقى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان چۇقۇرئۇۋا ئۇنىۋېرىستېتى پەن-ئەدەبىيات فاكولتېتى ئۇقۇتقۇچىسى دوكتور ئەنگىن چېتىن، 11-ئەسىردە تۈرك دۇنياسىخەلقىنىڭ قانداق ياشىغانلىقى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئەنگىن چېتىن ئەپەندى، تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى 8 مىڭ سۆزنىڭ كۆپىنچىسى تۈرك تىلىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىللار دىۋانى ئويۇن ئىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەپكۈچ دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتلار بەك قىزىقارلىق ئىدى.»
دوكتور ئەنگىن چېتىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، 11-ئەسىردە تۈركلەرنىڭ دەزمال قوللانغانلىقى، پەلەي تاقىغانلىقى ۋە يىپەك قولياغلىق قوللانغانلىقى، تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئورۇن ئالغان مەلۇماتلاردىن بىر قىسمىدۇر، دېدى.
مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلغان يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى تۈرك تىل ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسۇر مەھمەت ئۆلمەز ئەپەندى، «يېڭى بىر تەرجىمە ۋە ماقال-تەمسىللەر» دېگەن تېمىدا توختىلىپ، تۈركچىدە پۈتۈن تۈرك تىللىرىنى كەڭ تۈردە ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقال-تەمسىللەرنىڭ يوقلۇقى بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىدا 300 دەك ماقال-تەمسىل بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ماقال-تەمسىللەرنى سۆز-ئىبارىلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا، قاتناشقۇچىلارغا ئەسەنلەر ھۆكۈمەت بىلىم ئۆيى ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى تەقدىم قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا يەنە، ئەڭ قىسقا ماقال-تەمسىل سۆزلىگەن ئۈچ كىشىگە تۈركىي تىللار دىۋانىي دېگەن ئەسەر مۇكاپات بېرىلدى.