تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، قەيسەرى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
enqere-qeyseri-heyt-1.jpg enqere-qeyseri-heyt
Photo: RFA

بۈگۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. ھېيتلار، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، كېلىشىدىغان، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر. بۇ ھېيت ئىسلامنىڭ بەش شەرتىدىن بىرى بولغان 30 كۈن روزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، ئەل-يۇرت، دوست-يارەنلەر جەم بولىدىغان، چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى سۆيۈنىدىغان كۈن。

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا بەكرەك مۇڭ، قايغۇ ۋە غەم باسىدىغان، سېغىنىش، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان پەيتلەر ئىكەن.

بۇ يىل روزى ھېيتتا تۈركىيەدە 9 كۈن تەتىل بولدى. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە بىلەن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بولۇپمۇ مالايشىيا، تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، گەرچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەتىگەن بىرلىكتە ھېيت نامىزى قىلىپ، ئوپچە ھېيتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكەن يىلى مالايشىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى قىلغانلىقىنى، نامازدىن كېيىن 200 كىشىلىك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكتە خىتاي زۇلۇمىنىڭ تۈگىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە داستىخان تەييارلاپ، ئۆز-ئارا پەتىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن مەمەتجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن ئۇزاقتا ئىككىنچى قېتىم روزى ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋەتەننى سېغىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باياناتچىسى ئابدۇقادىر ئەپەندى قەيسەرىدە ياشاۋاتقان مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن مۇساپىرلار ئارىسىدا كۆپ ساندا يېتىم، تۇل خوتۇن ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، قىرغىزىستان، كانادا ۋە ئەنقەرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئەۋەتكەن فىترە، زاكاتلارنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە 200 ئائىلە ئۇيغۇر جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 1960-يىلى غۇلجا، قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئافغانىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەيسەرىگە ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2013-2014 يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بۇ يەرگە جايلاشتۇرۇلدى.

ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا دۆلەت ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.