ئادەم بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسنى كونترول قىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.02.06
eydiz-control-teshwiqat.jpg ئەيدىزنى كونترول قىلىش پائالىيىتى. 2013-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خېبېي.
AFP

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان بىر دورىنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.

ئەيدىز (HIV)ئەڭ تېز كەڭ تارىلىۋاتقان، ئىنسانلار ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن يۇقۇملۇق ۋىرۇس. گەرچە ھازىر ئەيدىز كېسەللىكى دورا تەتقىقاتىدا يېڭى بۆسۈشلەر ھاسىل قىلىنىپ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىش يوللىرى تېپىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋىرۇسنى تەلتۆكۈس يوقىتىش پۈتۈن دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ زور رىقابەت يارىتىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرچە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ۋە كۆپ قېتىملىق زىيارەت پروگراممىلىرىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. بۈگۈن ئۇ، مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان دورىنىڭ تېخى بارلىققا كەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز ئۈچۈن چۈشەنچە بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.