خوتەن لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە رادىئومىزغا ئىنكاس كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرىمىز ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ئىدى.
مۇدىر ۋەقەدە 51 بالىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما بالىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلەنگەلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدى. ئىدارە باشلىقى ۋەقەدە جەمئىي 160 بالىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بالىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلەنمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، ئەمما نېمىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى تېخى بېكىتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلار، دائىرىلەرنىڭ تاماق تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەقەنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.