بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىكى «گۇلاگ» لاگېرىدا كۆرگەنلىرى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ گۇلاگ لاگېرىدا كۆرگەنلىرىنى ئېلان قىلغان ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ گۇلاگ لاگېرىدا كۆرگەنلىرىنى ئېلان قىلغان ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
foreignpolicy.com

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ شوئار ئالدى بىلەن خىتايدا «ئىسلام ۋەھىمىسى» نى ئاساس قىلغان دىنغا قارشى جامائەت پىكىرىنى پەيدا قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچلۈك ۋە كەڭ مىقياستىكى بىر قېتىملىق سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا «نومۇر قويۇش»، غايەت زور ساندا ساقچى قوبۇل قىلىشقا ماس ھالدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قولغا ئالغان ۋە مەخسۇس ئورۇنلارغا يىغىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېزدىن ئاشتى. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ ئاللىقاچان 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قىياس قىلىنماقتا.

بولۇپمۇ 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى سىياسىي لاگېرلارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشى بىلەن نۆۋەتتە بۇنىڭ شەكىل ۋە خاراكتېر جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي تەقىب ئەڭ يۇغۇرى پەللىگە چىققان 1930-1940-يىللاردا كۆپلەپ قۇرۇلغان «گۇلاگ» لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1950-يىللارغىچە داۋام قىلغان «گۇلاگ» لاگېرلىرىغا ئاساسەن «سىياسىي» جەھەتتىكى گۇمانلىق كىشىلەر سولانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي باستۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
«چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ 28-فېۋرال سانىغا بېسىلغان «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار گۇلاگىدا ئۆتكەن يازلىق تەتىل» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ خىل لاگېرلاردا يېتىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان.
«ئىمان» تەخەللۇسىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگۈچى ئۇيغۇر ياش ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن. 2017-يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا قايتقان ئىمان ئالدى بىلەن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن شەھەردىكى بىر قىسىم دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېلەتنى شۇ جايغا ئالىدۇ. ئەمما ئايروپىلان يەرگە قونۇپ بولغۇچە ھاۋاقىزدىن بىرى ئۇنىڭغا ساقچىلارنىڭ ئۇنى سوراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە «بەلكىم ۋىزا ھەققىدە بىر ئىشلار بار ئوخشايدۇ،» دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىمان ھاۋاقىزغا ئەگىشىپ ئايروپىلاننىڭ سىرتىغا چىققاندا ئۆزىنى ئۈچ خىتاي ساقچىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئايرىم بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ بارلىق يۈك-تاقىنى، جۈملىدىن تېلېفون ۋە كومپيۇتېرىنى تولۇق تەكشۈرىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى سالدۇرۇپ، ئىچى-تېشىغا تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاياغنى سىلكىپ باقىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرگە كۆنۈپ كەتكەن ئىماندىن ھېچنەرسە تاپالمىغان ساقچىلار ئۇنىڭدىن «ئامېرىكىدا نېمە قىلىۋاتىسەن؟ نېمە ئوقۇۋاتىسەن؟ خېلى كۆپ داڭدار شەخسلەر بىلەن تونۇشىدىغان ئوخشىمامسەن؟» دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارنى سورايدۇ.

سەل جىددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئىمان يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سوئاللارغا سالماقلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار تۇتامغا چىققۇدەك بىر نەرسە بايقىمىغاندىن كېيىن، ئۇنى شۇ جايدىكى تۈرمىگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ نېمىشقا تۈرمىگە بارىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى سورىغاندا ئۇلار بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرمەيدۇ. «ئاپامغا ساق-سالامەت كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ قوياي. ھېچ بولمىغاندا سىلەرمۇ بولساڭلار ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار» دېگەندە «بۇ ئىشلارنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ساقچىلىرى ئاپاڭغا ئۇقتۇرىدۇ» دەيدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىمان توققۇز كۈن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۈچ خىتاي ساقچى ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ پويىزدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. «كويزا سالمىساڭلار بولمامدۇ؟» دەپ سورىغاندا «ئەسلىدە سېنىڭ پۇتۇڭغىمۇ ئىشكەل سالماقچىدۇق. ئېتىبار قىلىپ ھازىرچە مۇشۇنداق ئېلىپ ماڭىدىغان بولدۇق،» دەيدۇ.

ئۇلار يولدىلا سوراقنى باشلاپ ئىماندىن «2017-يىلى20-مايدىن ئىلگىرى قايتىش كېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سورايدۇ. ساقچىلار ئۇنىڭغا بىرنەچچە نان بېرىپ «شىنجاڭغا بارغىچە مۇشۇنى يەپ تۇر. بۇ جايدا باشقا ھالال يېمەكلىك تاپقىلى بولمىدى،» دەيدۇ.

پويىز تۇرپانغا كەلگەندە خىتاي ساقچىلار قولى باغلانغان ئىماننى پويىزدىن چۈشۈرۈپ، بېشىغا خالتا كىيدۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ يەردە ئۈچىنچى قېتىملىق سوراقنى باشتىن كەچۈرگەن ئىمان ھارغىنلىق، ئاچلىق ۋە روھىي بېسىمدىن ھالىدىن كېتىدۇ. ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئون نەچچە كۈندىن بۇيان تۇرپاندا تۇنجى قېتىم ھەقىقىي يوسۇندا تاماق يېيىشكە نېسىپ بولغان بولسىمۇ، ئىماننىڭ روھى دۇنياسىدا يەنىلا بىر زۇلمەت ھۆكۈم سۈرىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار ئىماننى شۇ جايدىكى «يىغىۋېلىش مەركىزى» گە ئېلىپ بارىدۇ. ئىمان بۇ جاينى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يىغىۋېلىش ئورنى تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، تامنىڭ ئۈستىگە مەخسۇس بېكىتىلگەن كۆزىتىش مۇنارلىرى ئورۇنلاشقان. ھەربىي قاراۋۇللار دەرۋازىغا قارايدۇ. ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ، نۇر دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق.»

ساقچىلار ئىماننى رەسىمگە تارتىپ، ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدۇ، ئاندىن ئۇنى يالىڭاچلاپ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىماننى 19 ئۇيغۇر يېتىۋاتقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىدۇ. ئۆي ئىچىدە بىر ھاجەتخانا، بىر جۈمەك، بىر سۇپا بولۇپ، ھەممەيلەن شۇ سۇپىدا بىرلىكتە ئۇخلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ.

ئىماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەرگە سولانغان كىشىلەر ھەر كۈنى سەھەر سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرىدۇ، ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئورۇن-كۆرپىلىرىنى سەرەمجانلاپ، سائەت ئالتىدە ناشتىغا تەييارلىنىدۇ. ئاندىن كۈندىكىگە ئوخشاش بىردىن ھورنان (موما) يەيدۇ. ناشتىدىن كېيىن قاتار بولۇپ تىزىلىپ ھەربىيچە مېڭىش مەشىقى قىلىدۇ ھەمدە «تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا باسايلى!» دېگەندەك خىتايچە شوئارلارنى توۋلايدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىرنەچچە سائەت ماڭغاندىن كېيىن ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› ھەققىدىكى فىلىملارنى كۆرىدۇ.

ئىماننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۆرىدىغان «ئۆگىنىش» فىلىملىرىدا ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن ئىماملار نېمىنىڭ «قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت» ئىكەنلىكى، «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىلىرى دېگەنلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدىكەن. چۈشكىچە مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىدىكەن، ئاندىن چۈشلۈك تاماققا ھورنان ۋە «كۆكتات شورپىسى» يېگەندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتنى يەنە ھەربىيچە مېڭىش مەشىقى ۋە «ئۆگىنىش فىلىملىرى» كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. شۇ تەرىقىدە كەچلىك تاماقتا يەنە بىردىن ھورنان يەيدىكەن ۋە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت سەككىزدە ئۇخلايدىكەن. ئەمما ئۆيدىكى چىراغ كېچىچە ئۆچۈرۈلمەيدىكەن.

بۇ جەرياندا ئىمان پۈتۈن كۈنلىرىنى قاباھەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. بولۇپمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى نەچچە ئايلاپ سوئال-سوراقسىز يېتىۋاتقان بولۇپ، يەنە بەزىلىرى ‹تەبلىغ قىلغان› ياكى تېلېفوندا ‹قۇرئان كەرىم› ئايەتلىرىنى ساقلىغان دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن نەچچە يىللاپ ياتقان كىشىلەر ئىكەن.

مۇشۇ تەرىقىدە 17 كۈن ياتقاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان. بۇ يەردە ئۇنىڭغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقاچ «ئىدىيەڭدە ھەرقاچان خېلى يېڭىلىنىشلار بولغاندۇر. ئەمما يادىڭدا بولسۇن، ئامېرىكىدا بىرەر ئىش قىلىش ياكى سۆزلەش توغرا كەلگەندە تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەمدە خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇشۇ جايدا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما!» دەيدۇ.

ئىمان مۇشۇ تەرىقىدە ساق 30 كۈن بولغاندا ئۆيىگە بارغان بولسىمۇ، ئەمما كىملىك كارتىسىغا چېكىت ئۇرۇلغان بولغاچقا ھەممىلا جاينى قاپلىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا قەدەمدە بىر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولىدۇ. مىڭ بىر جاپالاردا ئامېرىكىدىكى مەكتىپىگە قايتىپ كېلىۋالغان ئىمان بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قەيەرگە قاراپ بېسىشتا ئىككىلىنىش ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە قىينىلىدۇ. . . .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ماقالە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە ھەممىلا جايغا يامراۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى يىغىۋېلىش لاگېرى، سىتالىننىڭ «گۇلاگ» لاگېرى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى «ئاپارتېيد تۈزۈمى» نامىدا ئىجرا قىلىنغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە جەملىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقاچ، بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ يوسۇندا زۇلۇمنى ئاشكارىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىمان ياكى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئوقۇش، ساياھەت قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچىلەر» بىلەن ئۇچرىشىشىدىن بۇ قەدەر قورقىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا دولقۇن ئەيسا بۇنى يەنە بىر ياقتىن «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دېگەندەك خىتاينىڭ قانچىلىك زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئامىل، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى ئاخىرىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى پاك-پاكىزە يوقىتىشنى نىشان قىلغان بىر زور لايىھەنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئائىت ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنىڭ ۋە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا چەتئەللەرگە چىققان كىشىلەرنى باستۇرۇش ئوبېكتى قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەركەتنىڭ داۋاملىق كېڭىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت