ئونسۇ چاغراقتا مۇنىياز ئائىلىسىدىن بىر قېرىنداش ئېتىلغان، 5 قېرىنداش ۋە بىر كۈيئوغۇل كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.04.25
sot-olum-jaza-uyghur-5-iyul.jpg CCTV خەۋىرىدە بېرىلگەن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 15-ئۆكتەبىر.
AFP

ئونسۇ چاغراقتىكى مۇنىياز ئائىلىسىدە 6 ئوغۇل، بىر قىز 7 قېرىنداش بار بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ چوڭى ئابدۇللا مۇنىيازغا 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ شۇ يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، ياسىن مۇنىياز بىلەن ئابدۇۋايىت مۇنىياز ھىجرەت سەپىرىدە ۋىيېتنامدىن قايتۇرۇپ ئەكىلىنىپ 17 ۋە 13 يىللىق كېسىلگەن؛ ئاقنىياز مۇنىياز، ئابدۇرۇسۇل مۇنىياز ۋە ئابلىكىم مۇنىيازلار مىللىي ئۆچمەنلىك ئەيىبلىمىسى بىلەن 11 ۋە 9 يىللىقتىن كېسىلگەن. ئائىلىدىكى بىردىن- بىر قىز قېرىنداش ئايشەمگۈل گەرچە جازالانمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يولدىشى ئىمىن ئابدۇرېھىم ھىجرەتكە پۇل توپلاش سەۋەبلىك كېسىلگەن.

مۇنىياز ئائىلىسىنىڭ جازالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى بەرگەن كىشى چاغراق يېزا 2-كەنتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى. گەرچە ئۇ، 7 قېرىنداشتىن ئابدۇللا مۇنىيازغا 1996-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ج خ تارماقلىرىنىڭ توردا ئېلان قىلغان «1996-2000‏-يىللاردىكى چوڭ دېلولار» ناملىق دوكلاتىدا ئابدۇللا مۇنىياز ئىسىملىك گۇماندارنىڭ 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 25-فېۋرال ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 25-فېۋرال ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىدە 3 ئاپتوبۇس تەڭ ۋاقىتتا پارتلىتىلغان ۋە ۋەقەدە 9 كىشى ئۆلگەن، 68 كىشى يارىلانغان. گەرچە يۇقىرىقى ئامانلىق مۇدىرى مۇنىياز ئائىلىسىدىكى 5 قېرىنداش ۋە بىر كۈيئوغۇلنىڭ چېتىشلىق دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رايوننىڭ ۋەزىيىتى ۋە مەزكۇر ئائىلىنىڭ تارىخى مەزكۇر ئائىلىنىڭ 1997-يىلدىكى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك كوللېكتىپ جازالانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، بۇ ئائىلىنىڭ كوللېكتىپ جازالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.