كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.12.16
xitay-saqchi-uyghur-qizi-chong-bazar.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئەتراپىدا كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 15-دېكابىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى ئۆلگەن، يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 14 نەپەر كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى نەپىرى تىرىك تۇتۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدا سايباغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى «گۇمانلىق جىنايەتچىلەر» نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن سايباغ يېزىسىنىڭ گۈلچىمەن كەنتى 1-ئەترىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن. كىملىكى نامەلۇم بولغان ھۇجۇمچىلار پارتلىغۇچى بۇيۇملار ۋە پىچاق بىلەن ساقچى تەرەپنىڭ شىددەتلىك ئوق يامغۇرىغا تاقابىل تۇرغان. ئاقىۋەتتە بۇ توقۇنۇش 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ تىرىك قولغا چۈشكەن ئىككى ئۇيغۇرنى سوراق قىلماقتىكەن.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بۇ قانلىق ۋەقە تېررورچىلارنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارا قىلدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى كېرەك» دېگەن.

دۈشەنبە سەھەردىن باشلاپ بۇ ۋەقە ب ب س، س ن ن ۋە «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغاچقا، دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى پەقەتلا خىتاي تەرەپ تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلغان قىسقا خەۋەردىكى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنگەن.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە يەرنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلدۇق. ۋەھالەنكى، قەشقەردىكى جىددىي ھالەت سەۋەبلىك، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، توققۇزاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە سايباغ يېزىلىق ساقچىخانا قاتارلىق ئورۇنلار تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

بىز سايباغ يېزىسىغا قوشنا كېلىدىغان ئوغۇساق يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ لېكىن جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالماي تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئوغۇساق يېزىلىق ساقچىخانىغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا نۆۋەتچى خادىم بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى پەقەت ساقچىخانا باشلىقى بىلەن سىياسىي يېتەكچىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ داۋاملىق سۆزلىشىشنى رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن ئوغۇساق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئابدۇسالامغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفوننىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ تېلېفوننى قوپاللىق بىلەن ئۈزۈۋەتتى.

بىز تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن توققۇزاق ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەردىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ئايال سوئالىمىزغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.

كوناشەھەر ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقەنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما تېلېفوندا بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشماقتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.