يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەننىڭ ئىلچى ۋە مەكىتنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىسىدا گۇمپا ئۆگىنىۋاتقان بىر تۈركۈم تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېررورلۇقىنى مەشىق قىلىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوتەننىڭ ئىلچى يېزا ئارا مەھەللە كەنتىدىكى 21 ياشلىق ئابلىمىت مەتياسىننىڭ گۇمپا ئۆگەنگەن قىلمىشى سەۋەبلىك 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئانىسى ھاجىنىسا مەمتىمىننىڭ بولسا نۆۋەتتە تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا خوتەن ۋە قەشقەردە بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئۆيىدىن بوكس پەلىيى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكى يېزىلغان. بىز ئاۋۋال مەكىتنىڭ شېھىتدۆڭ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىغا يېڭىلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
ئىنكاستا يەنە گۇمپا ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان ياشلارنىڭ ئەسلىدە تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ئىكەنلىكى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى «تېررورلۇق گۇمانى» بىلەن تۇتقانلىقى يېزىلغان.
خوتەننىڭ ئىلچى يېزا ئارا مەھەللە كەنت سېكرېتارى ئۆز كەنتىدىن تۇتۇلۇپ كېسىلگەنلەر ئىچىدە، 21 ياشلىق ئابلىمىت مەتياسىننىڭ، گۇمپا ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
رادىئومىزغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە ئۆيىدىن قۇم خالتىسى تېپىلغان، ئۆزى تەنتەربىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلمىغان تۇرۇقلۇق، تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان ۋە سەھەر تۇرۇپ چېنىققان كىشىلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى يېزىلغان.
يۇقىرىقى كەنت سېكرېتارى، گۇمپا ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلگەن ئابلىمىت مەتياسىننىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ قەشقەر پەيزىۋاتتا شېرىكلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ساقچىلار ئۇنىڭغا ئابلىمىت مەتياسىننى پەقەت تۇتۇپ بېرىشكە ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان، ئەمما دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بەرمىگەن.
بىز بۇ ھەقتە پەيزىۋاتتىكى بىر ساقچىخانىدىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق.
ئىلچى ئارامەھەللە سېكرېتارى، دائىرىلەرنىڭ گۇمپا ئۆگەنگەن تەنتەربىيە ھەۋەسكارى ئابلىمىت مەتياسىننىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئانىسى ھاجىنىسا مەمتىمىننىمۇ بوش قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھاجىنىسا مەمتىمىن «ئوغلىنى ياخشى تەربىيىلىمەسلىك»، «گۇمپا ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىق» قاتارلىق ئاتالمىش گۇناھلار بىلەن تۇتقۇن قىلغان. بۇ يىل 44 ياشلىق ھاجىنىسا مەمتىمىن نۆۋەتتە خوتەن شەھەرلىك يېپىق تەربىيە مەركىزىدە تەربىيىلەنمەكتە.
0:00 / 0:00