ۋاڭ لىجۇن بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بۆ شىلەينىڭ ئايالىنىڭ قاتىللىق دېلوسىنى پاش قىلغان، بۆ شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئۆتكەن ئايدا سوتلىنىپ، كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۇرۈشىچە، ۋاڭ لىجۈن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ لىجۈننىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكنى ھۆكۈمگە قايىللىقتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي سوتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن دەپ قاراشماقتا. كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ۋاڭ لىجۈن دىلوسىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ھازىرغىچە پەقەت ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن، سابىق پارتكوم سېكرېتارى بۆ شىلەينىڭمۇ جىنايى جازاغا تارتىلىشىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ لىجۈننىڭ پارا ئالغان پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسى 30 مىليون 500 مىڭ سوم ئىكەن.