خىتاي سوتىنىڭ مەكىتتىكى «تېررورچىلار» نى ئەيىبلىنىشىنىڭ «پاكىتلىرى » ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مەكىت ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، ئالدىنقى يىلى مەكىتتە يۈز بەرگەن پاھىشەخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى باش گۇماندارنى قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دوستلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتە قىلىشى داۋامىدا، ئاتالمىش تېررورلۇقنىڭ پاكىتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم سەيدىن قاتارلىق دوستلار، ناھىيە بازىرىدىكى بىر دۇكاندا سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپ، ناھىيىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن نۇرمەمەت جۈمە ۋە جۈرئەت سايىملار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇلار سۆھبەت داۋامىدا، مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنىڭ ساقال ۋە روپاش مەسىلىسىدىكى زوراۋانلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كىمكى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئەدىپىنى بەرسە، بۇنىڭغا ئاخىرەتتە ئەجرى بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مانا بۇ پىكىر، خىتاينىڭ مەكىت ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېررورلۇققا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە، ئەمما قەشقەر ئوتتۇرا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۇنىڭ تېررورلۇققا يېتەرلىك دەرىجىدە پاكىت بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇق ھۆكۈمىنى رەت قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن،مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئاتالمىش پاكىتلار ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.