18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا توپلانماقتا

ئۇزۇندىن بۇيان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك مۇلاھىزىلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىككى كۈن قالغاندا ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بېيجىڭغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەخسۇس تاللانغان 42 نەپەر ۋەكىلمۇ بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەكىللەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق كومپارتىيە ئاكتىپلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياجانلىق تەسىراتلىرىنى تەشۋىق قىلغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن قاتنىشىدىغان 42 ۋەكىلنىڭ 19 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە ئىكەنلىكى نامەلۇم.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 18-قۇرۇلتاي مەزگىلدە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، رادىئويىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلىرىدا بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلىپ، چارلاش كۈچەيتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتمۇ مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىش-چىقىشنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.

چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى 18-قۇرۇلتاينىڭ خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىككى گۇرۇھ توقۇنۇشىنىڭ جىددىيلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ئامانلىق ساقلاش دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.