بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالىملار، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، سەھىيە خادىملىرى، سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلار، ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ھەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 25 مىڭ ئادەم قاتنىشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىشلىرىنى ئومۇمى خەلق ساغلاملىقىنى قوغداش پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئەيدىز كېسەللىرىنى كەمسىتمەسلىك، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش، دۇنيا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مەزگىلدىمۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا ئاجراتقان ئىقتىسادنى ئازايتماسلىقى، ئەيدىز بىمارلىرىغا بېرىلىدىغان تېببىي ياردەمنى توختىتىپ قويماسلىقى تەشەببۇس قىلىندى.