ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى پرېزىدېنت يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون كەلگۈسى ھەپتىدە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن يېڭى تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.
"ھۇجۇم خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش كېلىشىمى" 1991 - يىلى تۈزۈلۈپ، 1994 - يىلى كۈچكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ۋاقتى 2009 - يىلى دېكابىردا توشۇشى كېرەك ئىدى.
بىر يىلدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ۋاقتى توشقان بۇ كېلىشىمنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىر كېلىشىم تۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيىلىك قوراللىرىنى قىسقارتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن. مەزكۇر نۇقتىمۇ ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.