مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنكى توقۇنۇش ئابا ناھىيىسىدىكى كىرتى لاما ئىبادەتخانىسىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا بېسىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىبادەتخانىدىكى لامالارنى قوغدىماقچى بولغان يەرلىك تىبەت ئاھالىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن.
بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئاپشاركىلىرىنى ئاھالىلەرگە قارىتىپ قويۇۋەتكەنلىكى ۋە قوراللىق ساقچىلارنى ئىبادەتخانىغا كىرىشتىن توسقان تىبەت پۇقرالىرىنى ئۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن تىبەت پۇقراسىنىڭ «ئېغىر يارىلانغانلىقى» ۋە پۇقرالارنىڭ ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارغا يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈپ بېرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدە قانچە ئادەم يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ئابا ناھىيىسىدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ 20 ياشلاردىكى بىر راھىبى خىتايغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ ئۆلگەن.
بۇ ۋەقە مەزكۇر ناھىيىدىكى تىبەت پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى قوزغاپ، مەزكۇر ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارنىڭ باشچىلىقىدا نامايىش پارتلىغان ئىدى.
يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنكى ۋەقە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى 2000 دەك راھىبنى باشقا يەرگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغاندا يۈز بەرگەن.
ھالبۇكى نۆۋەتتە مەزكۇر ئىبادەتخانىدىكى راھىبلار كىشىلەر بىلمەيدىغان مەلۇم بىر جايغا سولىۋېلىنغان.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كەيت ساندېرس خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ۋەزىيەت خەتەرلىك دەرىجىگە بېرىپ قالدى، چۈنكى خىتاي يولغا قويغان بىر قاتار تەدبىرلەر ۋە باستۇرۇش تىبەتلەردىكى غەزەپ ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنى كۈچەيتىۋەتتى» دېگەن.