بۇ يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تېببىي تەتقىقات دوكلاتى، بېيجىڭغا جايلاشقان ئىككى يىغىۋېلىش ئورنىدىكى 66 نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىگە ئاساسەن ھازىرلانغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جوۋ ئامون خىتاي دانىلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ ئىككى يىغىۋېلىش ئورنىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ نورمال تەرتىپكە ئاساسەن يىغىۋېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، يىغىۋېلىش ئورنىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ يېپىق ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى، بۇ ئورۇنلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوۋ ئامون، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەنقىد ماقالىسىدە يەنە، بۇ ئورۇندىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئۈز ئىختىيارلىقى بىلەن ياكى مەجبۇرى تەجرىبە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 11 نەپەر تەتقىقاتچىسى ۋە ئامېرىكا تەرەپتىن ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس قاتناشقان ئىدى.