خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىيلىكتىن قايتقان بىر نەپەر سىياسىي ئۆكتىچىنى «ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىيلىكتىن قايتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەردىن جۇ يۇيفۇنى ھاكىمىيەتكە قارشى «ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، رەسمىي قولغا ئالدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.13

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ياسىمەن ئىنقىلابىنى باستۇرۇش يولىدا ھاكىمىيەتكە قارشى «ئاغدۇرمىچىلىق» قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان 4-كىشى. جۇ يۇيفۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى جياڭ خاڭلىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەپتىش ئورگىنىنىڭ جۇ يۇيفۇنى ھاكىمىيەتكە قارشى«ئاغدۇرمىچىلىق» قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، رەسمىي قولغا ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھاكىمىيەتكە قارشى «ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرىدىغان قورال بولۇپ قالغان. جۇ يۇيفۇ 3‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

جياڭ خاڭلى، جۇ يۇيفۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن 20 كۈن بۇرۇن ساقچىلار تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

جۇ يۇيفۇنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنىپ، ھاكىمىيەتكە قارشى «ئاغدۇرمىچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كونكرېت سەۋەب مەلۇم ئەمەس.
لېكىن، جۇ يۇيفۇنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى توردا شېئىر ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى نامايىش قىلىشقا چاقىرغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

بۇ ۋەقە خىتاي ئۆكتىچىسى ۋە مەشھۇر سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك بۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

جۇ يۇيفۇ 1999‏-يىلى جۇڭگو دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىق سەۋەبلىك بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، 7 يىل تۈرمىدە ياتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ 2‏-قېتىم قولغا ئېلىنىشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.