كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇردى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ گۇناھسىز پۇقرالارغا زەخمەت يەتكۈزۈش قىلمىشى تۈپەيلى، رايون خەلقىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر دوكلاتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ 8 ‏ - ئايدا ئافغانىستاننىڭ غەربىدە قوزغىغان ھۇجۇمىدا 90 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، 2006 ‏ - يىلىدىن 2007 ‏ - يىلغىچە ئامېرىكا قوشۇنى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن ئافغانلارنىڭ بۇرۇنقىدىن 3 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گەرچە ئامېرىكا قىسىملىرى، ئافغانىستاننىڭ غەربىدە تالىبانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، پەقەت 7 نەپەر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر سىن ئالغۇ لىنتىسىدا، بىر مەسچىت ئالدىغا 90 كىشىنىڭ جەسىتى قويۇلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا ھەتتا بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جايغا ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا، تالىبان ھەمدە قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.