رادىئومىز مۇخبىرى ئاتۇش ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغاندا ساقچىلار بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىگە ئائىت "شىنجاڭ تىنچلىق تورى"دا مۇشۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاتۇشتا مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى ئېچىلغانلىقى ۋە يىغىندا يىللىق خىزمەت دوكلاتى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. ئەمما خەۋەردە دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىغان.
مۇخبىرىمىز ئاتۇشتىكى بىر قانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا ئاتۇشتا نۆۋەتتە كوچا چارلاش خىزمىتىنىڭ جىددىي ۋە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
مەزكۇر 11 ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ چۈنكى شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىمۇ نامايىش ئۈچۈن تەييارلىق ۋە ئۇرۇنۇشلار بولغان؛ بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئاخبارات ساھەسىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلغان.
يەكەندە يۈز بەرگەن 12 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋەقەدىن 6 ئاي كېيىن ئاشكارىلانغان ئىدى.