ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى گەرى لوكنى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە كۆرسىتىلگەن گەرى لوك (خىتايچە ئىسمى لو جاخۇي)نىڭ باش ئەلچىلىك سالاھىيىتى، بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا پۈتۈن ئەزالار ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق رەسمىي تەستىقلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.27

پرېزىدېنت ئوباما بۇ يىل 5‏-ئايدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە كۆرسەتكەن گەرى لوكنىڭ سالاھىيىتى، دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرى لوك بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، خىتاي چوقۇم شىمالىي كورىيىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان ھەرىكەت قوللىنىشى، ئىراننى يادرو قوراللىرى ياساش پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈشى لازم دەپ جاكارلىدى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئادەتتىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئۇنىڭ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېغىر پىكىر ئىختىلاپى بار.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۈگۈن دەرھال بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تۇنجى قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە خىتايدىن باش ئەلچى بەلگىلىدى، دەپ بايان قىلدى.
شۇنداقلا بۇ خەۋەردە يەنە، گەرى لوك ئائىلىسىنىڭ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇش ۋە ئۇنىڭ يېتىلىش تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.