خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىدىن بۇرۇن، چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن " سىياسىي تۈس ئالغان " دەپ قارالغان سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئائىت خەۋەر شۇنىڭدەك ئوبزورلار ئېلان قىلىنىدىغان تور بەتلەرنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ب ب س نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تور بەتلەرنى دەرھال ئېچىۋەتكەن ئىدى.
ئەمما نۆۋەتتە بۇ تور بەتلەر يەنە قايتىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ: " جۇڭگو ئومۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە، بىراق جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە قارىتا قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش چارىسىنى قوللىنىدۇ. چۈنكى بىر قىسىم تور بەتلەردە جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر مەۋجۇت، ھەتتا بىر قىسىم تورلاردا تەيۋەن مۇستەقىل دۆلەت دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا،" دېگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئائىت تور مەيدانلىرىنى تاقاپ قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.