خىتاي 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بېيجىڭدا ھەربى ھالەت يۈرگۈزدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 8 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى كېچىدە، بېيجىڭدا 200 مىڭ كىشىلىك تەبرىك مەشىقى ئۆتكۈزدى. بۇ تەبرىك مەشىقىدە يەنە 60 دانە بېزەلگەن ئاپتوموبىل رول ئالدى. بۇ مەشىق بۈگۈن ئەتىگەندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-08-30
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەشق ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا ھەربى ھالەت يۈرگۈزدى، قاتناشنى چەكلىدى. خەلقنىڭ بۇ مەشقنى كۆرۈشىنى ياكى تەبرىك كۆرۈنۈشلىرىدىن رەسىم تارتىشىنىمۇ چەكلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىللىق تەبرىك پائالىيىتىنى، مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلەۋاتقان، جايلاردا ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۆزى دۇنياغا باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ۋە ھەيۋە بىلەن خەلقنى تىنجىتىدىغان بىردىنبىر چوڭ پۇرسەت دەپ قاراۋاتىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن تەبرىك پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كىملىك بەلگىسى تاقاپ مەشق قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت