خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت.
بېجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي تور بېتىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ۋەقەنىڭ خۇددى ئۆتكەن ئايلاردا جياڭشى ۋە گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ ئەرزى ھەل بولماي ئۇزۇنغا سوسۇلۇپ كەتكەن ئەرزدارلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەرلەردىن بىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقە ئۇيغۇر رايونىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بېسىقمايۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندشىگە سالغان. شۇڭا شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.