چېن گۇاڭچېڭ جايلاشقان يېزىسىدا ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن

ئەما خىتاي ئۆكتىچى چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا كېلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېزىسىدا بىر خىل ئەنسىزلىك ھېلىھەم ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.09


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېننىڭ مەھەللىسىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايدىكەن. ھەتتا چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتا كەلمەسلىكىنى خالايدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، دېھقان ليۇ ۋېنسەي: ھۆكۈمەت بۇ ئەما كىشىنى كۆزىتىشكە بەك كۆپ پۇل سەرپ قىلغان ئىدى، دېگەن، ئەمما ياللانغان چوماقچىلار ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشنى رەت قىلغان.

چېن گۇاڭچېڭ خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى چىققان ئادۋوكاتلارنىڭ بىر ئىدى. ئۇ 2006 - يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل زورلۇق - زومبۇلۇقلىرىغا ئۇچرىغان.

چېن بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا شەندۇڭدىكى نەزەربەندتىن قېچىپ، بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا بىر مەزگىل دىپلوماتىك جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

چېن گۇاڭچېڭ 10 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە نيۇ - يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە قانۇن ئۆگەنمەكتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.