خىتايدا چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى جەمئىي 101 گە يەتتى

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 10 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى يېڭىدىن ئېلان قىلغان چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى 12 نەپەر بولۇپ، خىتايدا بۈگۈنگە قەدەر بۇ خىل زۇكام يۇقۇمدارى جەمئىي 101 گە يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-06-10
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، چوشقا زۇكىمىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئاۋسترالىيىدىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، نەتىجىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل زۇكامنىڭ 41 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دۇنيا خاراكتېرلىك تارقىلىش ھالىتىگە ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە چوشقا زۇكىمى 73 دۆلەتكە تارىلىپ 26500 دىن كۆپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 140 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر چوشقا زۇكىمى شىمالىي ئامېرىكىدىن باشقا رايونلاردا ئادەمدىن ئادەمگە تىز يۇقۇش ھالىتىگە ئۆتسە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل زۇكامنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت