خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇ سۆھبەتكە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۆتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تىبەت مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.