دۇنيا ئىقتىسادى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىشكە يۈزلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.28
2009.01.28
خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، 2009 - يىلىدا ، پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىساد ئاران %0.5 ئۆسۈشى مۇمكىن، ئەگەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي چېكىنىش يۈز بەرسە، باشقا دۆلەتلەردە ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىمۇ ، ئەگەر خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ئېغىرلاپ كېتىۋەرسە، 2009 - يىلىدا ، پۈتۈن يەر شارىدا يەنە 50 مىليون ئادەم ئىشتىن بوشايدۇ. ئىشسىزلىق ئەڭ ئېغىر بولىدىغان رايونلار ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە رۇسىيىدە.