دۇنيا سودا تەشكىلاتى: "خىتاينىڭ بەلگىلىمىلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتى پرىنسىپلىرىغا خىلاپ "

ئامېرىكا تەرەپ چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئامېرىكا ماللىرىغا قارىتا قويغان چەكلىمىلىرى ھەققىدە ئېچىلغان سوتتا ئۇتۇپ چىقتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان كىتاب، CD، DVD پلاستىنكىلىرى ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنى خىتايغا ئىمپورت قىلىش ۋە خىتايدا سېتىش ھوقۇقىنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردىن باشقىلارغا بېرىلمەيدىغانلىقىنى بېكىتكەن.

ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى، خىتاي تەرەپ بېكىتكەن بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇ يىل ئىيۇلدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز يوللىغان.

بۈگۈن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قارار چىقىرىپ خىتاينىڭ يۇقىرىقى بەلگىلىمىلىرىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ۋولسترىت ژۇرنىلى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى رون كىرك، مەزكۇر قارارنىڭ خىتايدا ئامېرىكا ماللىرىغا كەڭ يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدا سودا ساھەسى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، ئامېرىكا ماللىرىنى خىتايدا قانۇنسىز كۆپەيتىپ سېتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى بۇ نۆۋەتلىك سوتتا بۇ ھەقتە ئېنىق قارا چىقىرىلمىغان.