نيۇيورك شەھىرىنىڭ زامان مەيدانىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسىنى خىتاي ئىجارىگە ئالدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيورك شەھىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان زامان مەيدانىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسىنى خىتاي ئىجارىگە ئالدى. خىتاي كېلەر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۈپ تارتىدىغان بۇ نۇقتىدا ئېلان چىقىرىشقا باشلايدۇ.

خىتاي تەرەپ بۇنى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللىنىدۇ دەپ چۈشەندۈرمەكتە، ئەمما ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر يېڭى قەدىمى دەپ قارىماقتا.

دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيوركنىڭ زامان مەيدانىدىكى بۇ ھەشەمەتلىك ئېلان تاختىسىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىجارىگە ئالغان. بۇ ئېلان تاختىسىنىڭ ئىگىسى، بۇنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئەمما بۇ رايوندىكى ئادەتتىكى ئېلان تاختىسىنىڭ ئايلىق ئىجارە ھەققى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكى ئېنىق.