كېلىشىمگە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى شى خېپىڭ قول قويغان.
شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېلىشىم بويىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى ئېنېرگىيە، كۆمۈر ۋە تەبىئىي گازغا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىپ بېرىشىدەك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش"، "شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش" ۋە "شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر توكىنى سىرتقا توشۇش" قاتارلىق ئىستراتېگىيە پىلانلىرىغا نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدىكەن. ئۇيغۇر رايونى يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كان بايلىقى قېزىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىكەن.
شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خېۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت مۇراسىمدىكى سۆزىدە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باي، ئىختىساس خادىملىرى تولۇق بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بولسا مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە، بولۇپمۇ كان بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى ئۆلكىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" "شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەش" پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
بۇ كېلىشىم ئارقىلىق جياڭسۇ شەھىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىختىساسلىق خادىملار سۈپىتىدە ئادەم يۆتكىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن سۈرئەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنى 19 خىتاي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى باشقۇرۇش، ئېنېرگىيىسىنى يۆتكەش ۋە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىمۇ ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بىلەن بۇ خىل كېلىشىملەرنى تۈزگەن ئىدى.