ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىزلەر 40مىڭغا يەتتى
2012.11.30
مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە ئەيدىز يۇقۇم سانىنى، بايقالغانلار سانىنى 6 ھەسسىلەش ئارقىلىق تەخمىنلەيدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى تارقالمىغان بىرمۇ ناھىيە، يېزا قالمىغان.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم 1995-يىلى قۇمۇلغا كەلگەن بىر خىتاي كۆچمەندىن بايقالغان ئىدى.
سەھىيە نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز يۇقۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك كىشىلەر توپىدىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىغىمۇ تېز تارقىلىشى ۋە يۇقۇش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز نىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئىشلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ زور رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
1-دېكابىر 25-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىزلەر 500مىڭ نەپەرگە يېقىنلاشقان، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانى بۇلتۇرقىدىن 12.7% ئۆرلىگەن. خىتايدا ئەر جىنسلىقلار ئارىسىدا، ئۆز-ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋېلىش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان، ھازىرغىچە بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ 21% ئى مۇشۇ خىل يول ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. خىتايدا ئەيدىز تارقىلىشى جىددىي بولۇۋاتقان 9 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى-5 ئورۇندا تۇرىدۇ.