ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى چوڭ تىپتىكى يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئادالەت بىلەن ئىش قىلىپ فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە بۇ خىل ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى.
1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ھەققىدە قارار ئېلان قىلىپ، فالۇن گۇمپىسى تەتقىقات مەركىزىنى قانۇنسىز ئورگان دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى خۇراپىيلىقنى تەرغىپ قىلىپ خەلقنى ئالدايدىغان، قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەمما فالۇنگۇڭچىلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي دېگەندەك جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان كىشىلەر ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يالغان ۋەقە ياساپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى ۋە "خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق يوق، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمۇ يوق " دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئون يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە سولانغان فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنىڭ سانى ئاز دېگەندە 6000، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 3000، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەرنىڭ سانى بولسا 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.