فىلىپپىن پالاۋان ئاراللىرىدا چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ نېفىت قازماقچى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.02.29
2012.02.29
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۇنىڭغا دەرھال قارشى تۇرۇپ، فىلىپپىن دەۋاتقان بۇ ئاراللار خىتاينىڭ زېمىنى، باشقا دۆلەت بۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ دەپ جاكارلىدى.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبرت روسارىئو خىتايغا جاۋاب قايتۇرۇپ، پالاۋان ئاراللىرى فىلىپپىندىن 47-76-دېڭىز چاقىرىمى يىراقلىقتا، خىتايغا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئاراللار «خەلقئارا دېڭىز قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن 200 دېڭىز چاقىرىم دائىرە ئىچىدىكى فىلىپپىن زېمىنى..بۇ دائىرىدىن پايدىلىنىش فىلىپپىننىڭ دەخلى-تەرۇزسىز ھوقۇقى دەپ جاكارلىدى.