گۇەنتانامودىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ئەركىنلىككە ئېرىشتى

گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن 4 نەپىرى بۈگۈن قويۇپ بېرىلدى. ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى تاقىم ئارال دۆلىتى بېرمۇداغا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ئابدۇللاھ ئابدۇقادىر 30 ياش، خېلىل مامۇت 31 ياش، ئابلىكىم تۇراخۇن 38 ياش، سالاھىدىن ئابلائەخەت 32 ياش.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.06.11

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان بېرمۇدا ئەنگىلىيە ھامىيلىقىدا بولغان بىر تاقىم ئارال دۆلىتى. بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى جەمئىي 138 ئارالدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، يۈز ئۆلچىمى 53 كۋادىرات كىلومېتر، نوپۇسى 61 مىڭ. بېرمۇدانىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىمى ساياھەت ئىشلىرى بولۇپ،   2005 - يىلى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

ئىگىلىنىشىچە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن 4 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن يەنى  11 - ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 5:30 دا بېرمۇدانىڭ پايتەختى خامىلتونغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى نەپەر ئادۋوكات، بىر تەرجىمان ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن بۇ دۆلەتكە ئەۋەتىلگەن.

تۈنۈگۈن تېنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلىتى پالاۋ گۆەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلار تېررورچى، ئۇلار بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ ئامېرىكىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا  3 - دۆلەت ئىزدەشنى توخىتىشقا چاقىرغان ئىدى. 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىق خەۋىرى ۋاشىنگتون پوچتىسى، رويتېرىس، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق پۈتۈن داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا خەۋەر قىلىندى.

خەۋەرلەردە ئەمدى قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بېرمۇداغا تۇيۇقسىزلا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋدىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.
    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.