بۇنىڭ ئورنىغا خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىشلەيدىغان قىلىپ تەڭشىگەن. دېمەك ھازىرقى باسقۇچتا، گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇشتىرىلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇلازىمەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇلازىمەت خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توساقلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا داۋام قىلىدۇ. بىراق خىتاي ھەر قانداق چاغدا گوگۇلنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇلازىمىتىرىگىمۇ چەك قويۇش ئىمكانىغا ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قانداق قەدەم بېسىشى گوگۇل ۋەقەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ھالقىدۇر.
گوگۇلنىڭ بۈگۈنكى تەدبىرىگە خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاي ئاخبارات ئىدارىسى گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنى خىتايدا تىجارەت باشلىغاندا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە تىجارەتنى سىياسيلاشتۇردى دەپ تەنقىد قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بولسا، بۇنىڭ سىياسىي ۋەقە ئەمەس، ئادەتتىكى بىر سودا ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە گوگۇل خىتايدىن چېكىنىپ چىقسا، خىتاينىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
