خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرىدە خۇنەنلىك خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۆلتۈرۈلگەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

ۋەقە خۇيجۇ شەھىرىنىڭ خۇيچىڭ رايونى مەيدى جەنۇبىي يولى سودا بازىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا يۈر بەرگەن. ئىگىلىشىمىزچە، توقۇنۇش خۇنەنلىك تەڭزىچىلەر بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يەر تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. لېكىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە جېدەلنىڭ كىمنىڭ باشلىغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ساقچى تەرەپنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلى گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن ناھىيىسىدە خىتاي ئىشلار ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 17 ئۇيغۇر ئىشچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن تۇنجى زور كۆلەملىك ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشىدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، توقۇنۇشتا ئېغىر يارىلانغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ۋەقەدە يارىلانغان قالغان 6 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى ئىزدەشكە باشلىغان. لېكىن، ساقچى تەرەپ ئىز ‏- دېرىكىنى قىلىۋاتقان گۇماندارلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خۇيجۇ شەھىرى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچىخانىلار مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بۇ ۋەقە ناھايىتى تېزلا مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىر تەرەپلىمىلىك قارىلاش ھەرىكىتى خىتاي پۇقرالىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل جىددىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، بىخەتەرلىكى ۋە مال - مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ۋە ئۆلگۈچىگە تۆلەم تۆلەپ، قاتىلنى جازالاشقا چاقىردى.