خىتاي ئاخبارات ساھەسى شەنبە كۈنى گوگۇلغا ھۇجۇم قىلدى

گۇگۇل شىركىتى خىتايدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ساھەسى شەنبە كۈنى گوگۇلغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.03.20

سىنگاپوردا چىقىدىغان بوغۇز ۋاقىت گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلىدىكى ھۇجۇملار خىتاينىڭ "شىنخۇا"، "خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" ۋە خىتاي خەلقئارا رادىئولىرىدا كۆرۈنگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "خىتايدىكى گۇگۇل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتكۈچىلەر گوگۇلنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى، گوگۇلدا ئىزدەش خاتىرىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسە كېرەك" دېگەن. ھالبۇكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىشنى خالىمىغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە گوگۇلنىڭ خىتاي بىلەن خاتا ئېيتىشىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە خىتاي خەلقىنىڭ 5000 يىلدىن بۇيان ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تۆر بېتىدە، گۇگۇل، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن.

بۇ يىلنىڭ بېىشىدا گوگۇلنىڭ خىتاي تارمىقى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە خىتايدا ھەرخىل سىياسىي چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.