ئوباما ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىيدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈرىدۇ

«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىئۇل شەھىرىدە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش جەريانىدا، جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئارىلىقىدىكى ھەربىيدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈرىدۇ شۇنداقلا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم سۆزلىشىدۇ دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوبامانىڭ ئىككى كورىيە ئارىلىقىدىكى ھەربىيدىن خالى رايوننى كۆزدىن كۆچۈرۈشى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇۋاتقان 28 مىڭ ئەسكىرى ئۈچۈن چوڭ رىغبەت بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ شىمالىي كورىيىگە، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا بېرىدىغان ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالىدۇ.

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 2002‏-يىلى پانمۇنجوم مەھەللىسىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، 53‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بۇ مەھەللە، شىمالى كورىيە ئۇرۇش جىددىيلىكى پەيدا قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شىمالىي كورىيىنى يالماۋۇزلۇق زەنجىرىنىڭ چىشلىق چاقى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت