خىتاي بانكىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن ئىككى كىشى ئامېرىكىدا تۈرمىگە تاشلاندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.16
2009.05.16
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بانكىسىنىڭ كەيپىڭ شۆبە بانكا باشلىقى شۈ چاۋفەن قاتارلىق 6 كىشى 1991 - يىلىدىن تارتىپ بانكىنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلاپ، 2001 - يىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىر - بىرلەپ خوڭكوڭغا كېلىپ، ساختا پاسپورت سېتىۋېلىپ ۋە ئامېرىكا پۇقراسى بىلەن توي قىلىپ ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، كېيىن قايتىدىن جەم بولىۋالغان. ئۇلار 2004 - يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس ۋە ئوكلاخوما شىتاتلىرىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.