مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆز يۇرتىغا بېرىشى چەكلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.09.30
2010.09.30
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش مەقسىتىدە، 30 - سېنتەبىر ئۆز يۇرتىغا بېرىش پىلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەسلەپتە، ئىلھام توختىنىڭ "ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلماسلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەمراھلىقىنى قوبۇل قىلىش" شەرتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىغا بېرىشىغا قوشۇلغان.
ئەمما، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئايروپىلان بېلەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىگە بۈگۈن ئەتىگەن تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ قېتىملىق تۇغقان يوقلاش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئىلھام توختى ئەپەندى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرى، تەنقىدلىرىنىمۇ بۇ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان.
بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە پارتلىغان "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، "ئۇيغۇربىز" ۋە "دىيارىم" قاتارلىق تور بېكەتلىرى "قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ ئەيىبلىنىپ تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىلھام توختى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، گەرچە مەكتەپتە نورمال دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى چەكلەنگەن. ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدىكى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىشى چەكلەنگەن ئىدى.