خىتايدا ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ناھىيىلەرگىچە كېڭەيمەكچى

خىتايدا چىقىدىغان "كۆزىتىش" ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىنتېرنېت ساقچىلىرى خىتايدا ھەر قايسى ناھىيىلەرگە قەدەر كۆپەيتىلمەكچى. يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان، خىتاينىڭ دۆلەتلىك سىياسىي قانۇن يىغىنىدا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.05

پىكىردە QQ تور گۇرۇپپىسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، شەخسىي بلوگلارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، توردا غەرەزلىك گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنى ناھىيىلەرگە قەدەر ۋەزىپىلەندۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى تاقىۋېتىكلىك. خىتاي گەرچە ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېتنىڭ قىسمەن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە تورلارنىڭ ھېچبىرسى ئېچىلغىنى يوق.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلىرىگىمۇ ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنى ناھىيىلەرگە قەدەر كۆپەيتىش چارىسىنىڭ قانچىلىك مەزگىل ئەمەلىيلىشىش مۇمكىنچىلىكى گۇمان تۇغدۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.